(سەمەن يولى قەھرىمانلىرى ھەققىدىكى تولۇقلىما خەۋەرلەر
4-ئاۋغۇست سەمەن يولى قەھرىمانلىرى ھەققىدە يىڭى ئۇچۇر
ئابدۇرېشىد ھاجى كەرىمى خەۋەر قىلىدۇ
2008-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى خەۋەرى
ئىسمىنى ئاشكارالشنى خالىمىغان بىر ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر دوستىمىز ماڭا خەت يىزىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى.
ئۇ خىتىدە مۇنۇلارنى يىزىپتۇ:
- بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا " ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىيىسى '' بىر خەۋەر بىرىپ، خەۋەردە: 4-ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسىدە ئامېرىكىلىق سايائەتچىلەرنىڭ نەخ مەيداندىن تارتقان سۈرەتلىرىدە ھەيران قالارلىق ئىشلارنى كۆردۇق، قانداقتۇر ، قۇراللىق ساقچى قىسىملىرى بىلەن ساقچىلار بىر بىرنى ئۇزۇن ساپلىق پىچاق بىلەن ئۆز ئارا چاناشتى....،- دەپ خەۋەر بەردى.
بۇ ئەسلىدە ئامېرىكالىق سايائەتچىلەر ئېيتقاندەك ساقچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرسىدىكى قۇراللىق ئىلىشىش ئەمەس، دەل بىزنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرىمىز قۇربانجان ھېيت بىلەن ئابدۇراخمانجان ئازادلارنىڭ باتۇرلۇق ئىشلىرى، ئۇ ھەرىكەتنى باشلاشتىن بۇرۇن ئۇلار ناھايىتى پۇختا تەييارلىق قىلغان، ئۇلار خىتاي ئوپىتسېر ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربى پورمىلىرىنى كېيىپ ، تولۇق قوراللىنىپ، ھەرىكەتنى باشلىغان. ئۇلار ئالدى بىلەن بىرسامسىمۇل ( يۈكنى ئۆزى چۈشۈرىدىغان ماشىنا) ماشىنىنى شەنبە كۈنى كەچتە تەييارلاپ، قوراللىق ساقچى قىسىم ئورۇنلاشقان يىقىن يەرگە يوشۇرۇپ قويغان، ئەرتىسى ئەتتىگەندە( يەكشەنبە كۈنى) بامدات نامىزىدىن بۇرۇن دەل خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ھەربى مەشققە چىقىدىغان ۋاقىتتقا توغرىلاپ ماشىنى ئابدۇراخمانجان ئازاد ئوت ئالدۇرۇپ كۈتۈپ تۇرغان. قۇربانجان ھېيت ساقچى پورمىسىنى كەيگەن قىياپەتتە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدە، قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ دەرۋازىدىن چىقىپ ھەربى مەشق قىلىش ئۈچۈن " شاتخورام'' مىھمانخانىسى تەرەپكە قاراپ ماڭغاندا، قۇربانجان ھېيت يان تېلفۇنى بىلەن ئابدۇراخمانجانغا تېلفۇى قىلىپ ماشىنىنى ھەيدەپ كىرىشكە بولىدىغان ۋاقىتنىڭ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. تېلفۇننى قوبۇل قىلغان ئابدۇراخمانجان ئازاد دەرھال ماشىنىنى تىز سۈرئەتتە ھەيدەپ مىھمانخانىنىڭ ئىچىدە ئەتتىگەنلىك مەشق قىلىش ئۈچۈن كلىۋاتقان قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى ئارقا تەرەپتىن ماشىنا بىلەن باستۇرۇپ سۈرۈپ ماڭغان. ماشىنىنىڭ چاقىغا ئىككى خىتاينىڭ ( بىر راۋايەتتە بىر نەچچىمۇ دېيىلىدۇ...) جەسىدى كىرىپ قىلىپ ماشىنا تىزلىكىنى يوقۇتۇپ جايىدىن مىدىرلىمايدۇ، ماشىنىغا راسا ماي بىرىپ ھەيدىگەن بولسىمۇ ماشىنا ئالدىغا ماڭالماي يان تەرەپكە مىڭىپ يۆلۈنىشىنى ئۆزگەرتىپ ئىلىكتىرىك سىتولبىسىغا بىرىپ ئۇرۇلۇپ مىڭىشتىن توختايدۇ. ئابدۇراخمان ئازاد ماشىنىدىن چۈشۈپ ئەسلىدىكى كېلىشىۋالغان پىلان بويۇنچە ئاكىسى قۇربانجان ھەيتقا ماسلىشىپ ئالدىغا كەلگەن خىتاي ساقچىلىرىنى چاناشقا باشلايدۇ. ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان ئارقىدىكى بىر نەچچە خىتاي ئەسكەرلىرى يۈگرەپ كىلىپ قۇربانجان بىلەن گىرەلىشىپ قالىدۇ، شۇ ئارىلىقتا قۇربانجاننىڭ يىنىدىكى ئۆزى ياسىغان ئاددى تىپتىكى پارتلاتقۇچ بومبا پارتلاپ خىتاي ئەسكىرىدىن بىر نەچچىسى ئۆلىدۇ بەختكە يارىشا قۇربانجان ساق قالىدۇ ئەمما يارىلىنىپ دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ......
ئۇلار قىرىنداش تۇغقانلار ئىدى
قۇربانجان ھېيت بىلەن ئابدۇراخمانجان ئازادلار، بىر تۇغقان قىرىنداشلارنىڭ بالىلىرى، يەنى قۇربانجاننىڭ ئانىسى ئىبادەتخان. مىللىي شىپاخانىدا ئىشلەپ پىنسىيەگە چىققان ئايال.
ئىبادەتخاننىڭ ئۇكىسى ئازاد – قەشقەر شەھرىگە قاراشلىق شامالباغ 1- دادۈيدىكى يېرىدىن ئايرىلغان بىر دىھقان. ( ئابدۇراخمانجانىڭ دادىسى)
قۇربانجان ھېيت . 33 ياش. مىللىتىي ئۇيغۇر. قەشقەر شەھرىگە قاراشلىق شامالباغ يىزىسىنىڭ 5- دادۈي 3- شىياۋدۈيدىن.( قەشقەرلىقلەر بۇ جاينى توغراغلىق مازار غوجام . دەپ ئاتىشىدۇ) ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئالى مەلۇماتلىق چوڭ زىيالى،( داشۇ شىڭ) ئۇ خىزمەت تاپالماي، چەتكە قىقىلىپ ئۇرۇندى- سوقۇندى بولۇپ كۆپ رىيازەت چەككەن بىر ئۇيغۇر زىيالىسى.....
ئابدۇراخمانجانمۇ يۇقۇرى مەلۇماتلىق ئوقۇغان بىر زىيالى، 28 ياش ، مىللىتي ئۇيغۇر. قەشقەر شەھرىگە قاراشلىق شامالباغ يىزىسىنىڭ 1- دادۈيىدىن دەل ۋەقە يۈز بەرگەن جاي " شاتخورام "" مىھمانخانىسى ( قەشقەر شەھرىگە داڭقى كەتكەن ،قەشقەرلىق سەسكىنىدىغان پاھىشاخانە) ئابدۇراخمانجان ئازادنىڭ مەھەللىسى....
ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار.
4- ئاۋغۇست ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيەت دائىرلىرى بەكلا قورقۇپ كەتكەن، بۇلارنى تەسۋىرلەش قىيىن، قىسقىسى خىتاي ئاھالىرى ئىچىدە ناھايىتى قورقۇش ۋەھىمىسى يۈز بىرىپ قىچىش تەييارلىقىغا ئۆتكەن.....
خىتاينىڭ مەركىزىدىكى خۇجىنتاۋ گورۇھىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋاڭلېچۇئەنگىچە قاتتىق ساراسىمغا چۈشۈپ بىر مەھەل ئەس ھۇشۇنى يوقاتقان.... چۈشلىرى بۇزۇلغان... ئۈمىتلىرى ئۈزۈلگەن...
شۇ سەۋەپتىن ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنىدىن باشلاپ چوڭ تۇتقۇن باشلانغان، بىگۇنا 40 نەچچەئادەم تۇتقۇن قىلىنغان. ھەتتا قۇربانجان بىلەن ئابدۇراخمانجانلارنىڭ تېلفۇن خاتىرىسىدىن چىققان تېلفۇن نۇمرلىرى بار ئادەملەرمۇ تۇتقۇن قىلىنغان ھەتتا خىتاينىڭ ئاۋمىندىكى مەلۇم بىر مىھمانخانىسىدا ئىشلەۋەتقان 3 ئۇيغۇرمۇ تۇتقۇن قىلىنغان...
قۇربانجان ھېيت بىلەن ئابدۇراخمانجان ئازادلارنىڭ ئۆيلىرى ئاختۇرلۇپ ( بومبا ياسىغان دىمەكچى ئىكەن) بىر نەرسە تاپالمغاندىن كېيىن ئاخىرىدا توپا ئىشرىتىش ماشىنىسى بىلەن ئۆيىنى ئىشتىرىپ تۈپتۈز قىلىۋەتكەن، ئۆينىڭ ئىشىك دەرىزىلىرىنىمۇ شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا باشقىلارغا بىرىۋەتكەن....
سوتتىكى سۇئال جاۋابلار.
يىقىندا قەشقەر ۋىلايەتلىك سوت مەھكىمىسى قۇربانجان ھېيت بىلەن ئابدۇراخمانجان ئازاد لارنى مەخپى سوت قىلىپ " جىنايى '' جازا بەرمەكچى ئىكەن. ئۇلاردىن ناھايىتى قالايمىقان يوق گەپلەرنى سورىغان.
ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى " تىرورلۇق تەشكىلاتلەر"" بىلەن ئالاقىسىنىڭ بارلىقىنى ئۇلارغا تاڭماقچى بولغان، ئۇلار تەپتىش ۋە سوت مەھكىمىلىرېىنىڭ ئۇنداق سوراقلىرىنى قەتئىي رەت قىلغان. ئۇلار سۆزىدە ناھايىتى تەمكىن ئالدىرماي تولۇق ئۇيغۇر تەلۇپپۇزىدا، ھىچقانداق تەمتىرمەي ياكى قورقماي، تەبىئى بىر خىل تۈردە سوتچىغا ۋە باشقا كىشىلەرگە ھەمدە تونۇيدىغان تونۇمايدىغان بارلىق ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىغا بىر خىل مەردانىلىق ھالدىكى خىتاپنامىسىنى بىلدۈرگەندەك، دىيەلمەيۋاتقان نۇرغۇن گەپلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەمما ئۇلارنىڭ گەپ قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى سوتتىكى ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىغا سالام تەبەسسۇم بىلەن ئىپادە قىلغان....
ئۇزۇن قۇلاق ئاغىنىلىرىمنىڭ دىيىشىچە: ئۇلارنى بەك چوڭ گۇمان بىلەن ، قەشقەر تۇرمىسىدىن يۆتكەپ ئۈرۈمچىدىكى " نەنسەن تۇرمىسى"' غا قامىغان ئىكەن. ئۇلار باشتىن ئاياغ بىزنىڭ چەتئەلدىكى ھىچقانداق تەشكىلات ۋە شەخسى بىلەن ئالاقىمىز يوق! ھەم ۋەتەن ئىچىدىمۇ ھىچقانداق بىر تەشكىلات ۋە شەخسىلەر بىلەن ئالاقىمىز يوق! بىز ئۆز ئالدىمىزغا تەشكىللىنىپ مەسلەھەت بىلەن كۆپ كىڭىشىپ، جىق باش قاتۇرۇپ بۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقاردۇق....قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىل ! دەپتۇ....
ئۇنداق بولسا نىمە ئۈچۈن بۇ ئىشنى قىلدىڭ؟ دېگەندە، ئۇ مۇنداق دېگەن:
- مەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىش تەلەپ قىلسام ماڭا ئىش بەرمىدى، ھەتتا كۆز ئالدىمدا ماڭا " ئۇيغۇرلارغا ئىش بىرىلمەيدۇ، ئۇيغۇرلاردىن خىزمەتكە ئادەم ئالمايمىز،- دىدى. مەن ئامالسىزلىقتىن ئۆزۈمنى ئۆزۈم قامداش مەقسىتىدە، ئاتا- ئانامغا ئىغىرىمنى سالماي. جان بىقىشنىڭ كويىدا كوكتات بازىرىغا بىرىپ سەي- كۆكتات ساتتىم. مىنى خىتايلار كۆپ قىتىم ھاقارەتلىدى. بىر كۈنى بىر خىتاي ئايال بىلەن گەپ تەگشىپ قالسام 6 خىتاينى باشلاپ كىلىپ سۇئال –جاۋابسىز مىنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇپ قويدى، ئۇنىڭ سورىغى بولمىدى، 3 ئايدەك دوختورخانىدا داۋالاندىم، نۇرغۇن پۇل چىقىم قىلدىم داۋالاش پۇلىنىمۇ بەرمەي يەنىلە ھاقارەتلىدى....
ئابدۇراخمانجان ئازادتىن گەپ سورىغاندا ئۇ مۇنداق دېگەن:
- مىنىڭ ئاكامنى خىتايلار ناھەق ئۇرۇپ كەينىدىن تۇرمىغا سولاپ قىيناپ ئۆلتۈرۋىتىپ ئۆلىگىنى بەردى....
مەن جان بىقىش ئۈچۈن ئىشسىزلىقتىن تاكسى شوپۇرلۇقنى ئۈگۈنۈپ تاكسىچىلىق قىلدىم... كۆپ قىتىم خىتايلار ماشىنامغا ئولتۇرۇپ پۇلۇمنى بەرمىدى، ھەتتا ئۇرۇپ ئىغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپ بىلەن مىنىڭ غورۇرۇمغا تەگدى...
مىنىڭ ئۆيۈم مۇشۇ يەردە ( ۋەقە يۈز بەرگەن جاينى دىمەكچى ) مەن ماشىنامنى ئىشكىم ئالدىغا توختاتساممۇ ماشىنىنى توختۇتۇشقا ئورۇن بەرمىدى، مىنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئالدى نۇمۇسسىز پاھشەخانىغا ئايلاندى....مەن چىداپ تۇرالمىدىم....مۇنداق ياشاشنىڭ نىمە كىرىكى!........،- دېگەن.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن قىرىنداشلىرىم. ماڭا ۋەقە بايان قىلغان دوستىمىز مۇنۇلارنى خۇلاسسىلەپ مۇنداق يىزىپتۇ!
ئاق تاماكا دېگەن كۇسپۇرۇچنى خىتايلار ئۆزلىرى ساتىدۇ، ساقچىلار بىلەن ئۇلار شىرىك! ئۇنىڭ كاساپىتىدىن مىڭلىغان ئۇيغۇر يىگىت قىزلىرىمىز ئالەمدىن ئۆتۈۋاتسا،......
ئەيدىس كىسىلىنىمۇ خىتايلار ئۆزلىرى تارقىتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ كاساپىتىدىن نەچچا مىڭلىغان ئۇيغۇر قىز يىگىتلىرىمىز جىنىدىن ئايرىلىۋاتسا،،،،،
ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن ئىككى ئىغىز لىللا گەپ قىلغان ئىنسانلىرىمىزنى خىتايلار " تېرورېست،مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇر، دىنىي ئەسەبىچىلەر " دەپ ئۆلتۈرۋاتسا......
بالىلىرىمىزنى يەسلىگە يىغىۋىلىپ توڭگۇز گوشى بىرىپ دىندىن چىقىرىپ دىنسىز قىلىپ تەربىيەلەۋاتسا،،،، ھەتتا بىزنىمۇ تونۇتقۇزمايتۋاتسا...
تولۇقسىزنى پۈتتۈرپ تولۇققا چىقىش ئالدىدىكى 15 ياشلاردىكى بالىلىرىمىزنى تولۇق ئوتتۇرا خىتاي كۇرسى دەپ ئىچكىرىگە ئاپپىرىپ ئوخشاشلا توڭگۇز گوشى يىگۈزۈپ خىتايلاشتۇرۇپ دىنسىز قىلىۋاتسا....
قىزلىرىمىزنى ھەر ئۆيدىن بىردىن ئىككىگىچە قىز چوقۇم خىتاي شەھرىگە بىرىپ ئىشلەپ پۇل تىپىپ كىلىشى كىرەك،- دەپ مەجبۇرلاۋاتسا..... مابەزىخانىغا سىتىلىۋاتسا....
دادۈيجاڭ شىياۋدۈيجاڭ، شىاڭجاڭ ، شىئەنجاڭلار خىتايغا ياللىنىپ ئۇلارنىڭ دېگىنىنى قىلىپ سولامچىلىق قىلىۋاتسا.....
ئۇيغۇرلارنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەي خارلاۋاتسا..... ئىشقا ئالمىسا،..... ياشاش ھوقۇقي بەرمىسە ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ... سەمەن يولى ۋەقەسىنى پەيدا قىلماي نىمە قىلسا بولاتتى!،- دەپ جاۋاب بەردى........