خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا يولغا قويماقچى بولغان «شياڭگاڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» نى ماقۇللىماقچى بولغانلىقى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئاقسارايدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ۋەھشىيلىكىگە تەنتەنىلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي ئىنۋېن ھۆكۈمەت كابىنېتىنىڭ شياڭگاڭغا ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ھەرىكەت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويىشىنى، تەيۋەننىڭ شياڭگاڭ خەلقىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
26-چېسلا ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ، ترامپ ئەپەندى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ شياڭگاڭدىكى ھەرىكىتىگە جازا يۈرگۈزۈش مەسىلىسىگە جاۋاب بەردى. «بىز (جۇڭگو كومپارتىيىسى) نىڭ ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا بەك دىققەت قىلىۋاتىمىز ، ئەمما بۈگۈن بۇ توغرىلىق پاراڭلاشمايمىز »، دىدى.
بېيجىڭنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا ، ئاقساراي باياناتچىسى كالېي ماكنېرنىي مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «مەن جۇڭگونىڭ ھەرىكىتىگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بىۋاسىتە پرېزىدېنتنىڭ يېنىغا باردىم. پرېزىدېنت ترامپ ئەگەر جۇڭگو شياڭگاڭنى بىۋاسىتە كونترول قىلسا ، شياڭگاڭدىكى پۇل-مۇئامىلە مەركىزى بولۇش ئورنىنى ساقلاپ قېلىش تەسكە توختايدۇ »، دەپ ئېلان قىلدى.
ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئوبرىئېن مۇنداق دېدى: ئەگەر جۇڭگو كومپارتىيىسى «ئامېرىكا شياڭگاڭ سىياسەت قانۇنى» ۋە «شياڭگاڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنى» نىڭ چەكلىمىسىدە «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ شياڭگاڭ نۇسخىسى» نى ئىجرا قىلسا. ئۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاپتونومىيىنى ساقلاپ قېلىش شەرتىنىڭ يوقىلىدىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسى ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋە شياڭگاڭغا قاراتقان جازاسى بولۇپ ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە مەركىزىدىكى ئورنى ئاخىرىدا ئۆلىدۇ.
دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېيو ئىلگىرى خىتاي كومپارتىيىسىنى بۇ «ئاپەتلىك» قانۇن لايىھىسىنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېيو پەيشەنبە كۈنى شياڭگاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 11:00 دە پارلامېنتقا سۇنغان دوكلات ھەققىدە تىۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ ، شياڭگاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۇنىڭ ئەمدى ئاپتونومىيىسى يوق (جۇڭگودىن مۇستەقىل ئەمەس)، دەپ كۆرسەتتى. «شياڭگاڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنى» غا ئاساسەن ، ئامېرىكا دۆلەت كېڭىشى شياڭگاڭنىڭ ئاپتونومىيە ئورنىنى جەزملەشتۈرۈشى كېرەك. دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىنىڭ بۇ تونۇشى ئەلۋەتتە شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
26-چېسلا ، پرېزىدېنت سەي يىڭ ۋېن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ شياڭگاڭ ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاش ، تەيۋەن شياڭگاڭنىڭ ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بۇزۇلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى ھەمدە شياڭگاڭ خەلقى بىلەن بولغان تىنچ سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ شياڭگاڭ خەلقىگە بەرگەن ئەللىك يىللىق ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلماسلىققا چاقىردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر شياڭگاڭنىڭ ۋەزىيىتى ناچارلاشسا ، شياڭگاڭنىڭ ئاپتونومىيىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى تېخىمۇ قىسقارتىلىدۇ. تەيۋەن «شياڭگاڭنىڭ دېموكراتىيىسى ۋە ئەركىنلىكى رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ مۇھىم ئامىللىرى ، شۇڭا بىز شياڭگاڭ خەلقىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى داۋاملىق قوللايمىز» دېدى.
پرېزىدېنت سەي يىڭ ۋېن بۇ مەيدانىغا ئاساسەن ، دۆلەت كابىنېتى رەئىسى سۇ بىلەن كۆرۈشۈپ ، ھۆكۈمەتتىن شياڭگاڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەرىكەت پىلانىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى ،بۇ خىزمەتلەرگە قىتئە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىپ، تارماقلار (مىنىستىرلىق) ئوتتۇرىسىدىكى كېڭىشىش ئاساسىدا ، شياڭگاڭلىقلارنىڭ تەيۋەندە تۇرۇشى ، ئۇلارنى قوغداش ۋە غەمخورلۇق قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى نازارەت قىلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تولۇق ۋە ئېنىق پىلاننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى ق.
تەيۋەن ھازىرغا قەدەر شياڭگاڭ خەلقىنى قوللاپ كېلىۋاتقان بولغاچقا ، كەلگۈسىدىن ئەنسىرەيدىغان شياڭگاڭدىكى كىشىلەر تەيۋەنگە كۆچۈشنى خالايدۇ ، ئۆتكەن يىلى شياڭگاڭدىن كەلگەنلەرىنىڭ سانى % 41 كۆپىيىپ، سانى 5000 دىن ئېشىپ كەتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن ، شياڭگاڭلىقلار ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ لىبېرال دېموكراتىيە بولغان ياپونىيەدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ ، مەن ياپونىيەنىڭ تەيۋەن ۋە ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ ، شياڭگاڭنى قوللاشنى ئۈمىد قىلىمەن.













